كىرىيەدىكى يەرتەۋرەشكە توپلانغان ئىئانە ئەھۋالىدىن دوكىلات

نورۇز فوندى ئىئانە ئەھۋالىدىن دوكلات (1)
كىريەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ياردەم ئۈچۈن، نورۇز فوندى ھىساۋىغا يىغىلغان ئىئانە سوممىسى، 2-ئاينىڭ 21-كۇنىگىچە 30 كىشىدىن جەمئى 319،000 يەن بولدى. بىز نورۇز فوندى سەپەرۋەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر نامىدىن، ئىئانىگە قاتناشقان بارلىق قىرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر تەشەككۇر ئىيتىمىز. ئاللا ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان كەرىيە خەلقى بۇ ساخاۋەتلىك ۋە ۋىجدانلىق قىرىنداشلىرىمىزدىن رازى بولغاي!

كىرىيەدىكى ئاپەت ئۈچۈن نورۇز فوندى ئىئانە پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 28-كۇنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
تىخى كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ بولالمىغان قىرىنداشىمىزنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە،ئىئانە سوممىسىنى يۇقۇرىدىكى بانكا ھىساپ نومۇرىغا كىرگۈزۇپ قويۇشىنى ئۇمۇد قىلىمىز.

نورۇز فوندى ئىئانە ئەھۋالىدىن دوكلات (2)
كىرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ياردەمئۈچۈن ، نورۇز فوندى ھىساباتىغا يىغىلغان ئىئانە سوممىسى، 3-ئاينىڭ 3-كۇنىگىچە 45 كىشىدىن جەمى 480،000 يەن بولدى. بۇ 480،000 يىنغا ئوتكەن قىتىملىق ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەش/دىڭىز تاشقىن ئاپىتىگە يىغىلغان ئىئانە پۇلىدىن قالغان 20،000 يەن قوشۇلۇپ،جەمئى 500،000 يىن پۇل كىرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايۇنغا ئەۋەرتىپ بىرىلدى. ۋە تۈنۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 16-كۇنى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىرىنداشلرىمىزنىڭ قوللىرىغا يەتكۇزۇلگەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەپسىلاتىنى نورۇز پائالىيەت سورۇنىدا يەنە كۆپچىلىككە بىلدۇرمەكچىمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز