كىرىيەدىكى يەر تەۋرەش

ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار

ھەممىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2-ئاينىڭ 12-كۇنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ كىرىيە ناھىسىدە 7.3 بال چوڭ يەر تەۋرەش يۇز بەردى. خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىمىزچە، كىرىيە ناھىسىدە نەچچە مىڭ ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۇشىشى ۋە ياكى ئىغىر زەھمىلەڭىنىنى، نەچچە مىڭ تۇياق چارۋىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىغى مەلۇم بولماقتا. قەھرىتان قىش-سوغوق داۋاملىشىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا نەچچە مىڭلىغان قەرىنداشلىرىمىز ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، جىددى ياردەمگە مۇھتاج ھالەتتە تۇرماقتا.

شۇ سەۋەپتىن زىيان-زەھمەتكە ئۇچرىغان رايۇن ۋە قىرىنداشلىرىمىزدىن جىددى ھال سوراش، ئاز بولسىمۇ ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش مەقسىتىدە ”نورۇز فوندى“ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى ئىلىپ بىرىشنى توغرا كۆردۈق.

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق قىرىنداشلارنىڭ بۇنىڭغا يىقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئاتىغىنىنى نورۇز فوندى بانكا ھىساپ نومۇرىغا كىرگۇزۇپ قويىشىنى جىددى ئىلتىجا قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:
2014′ نورۇز بايرام تەشكىللەش ھەيئەتلىگى
”نورۇز فوندى“ سەپەرۋەرلىك گۇرۇپپىسى
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۇنى

ئەسكەرتىش؛

1. بانكا ھىساپ نومۇرىغا پۇل سىلىۋەتكەندىن كىىين كەيىن،ئىغىر كۆرمەي،پۇل سالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، پۇل سوممىسىنى توۋەندىكى ئىلخەت ئادرىسىغا يوللىۋىتىشىڭىزنى سورايمىز.
noruzfondi@noruz-jp.com
2. ھازىرقى جىددى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش، ئىئانە يىغىنغان پۇللارنى ئىمكان قەدەر تىزراق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارغا يەتكۇزۇش ئۇچۇن، 2-ئاينىڭ 28-كۇنىگىچە پۇل كىرگۇزۇشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز