كانتو رايونى 4-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پائالىيتى(كاناگاۋا)

ئەسسالامۇ’ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،

ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەنتەربىيە دوستلۇق پا’ئالىيىتى، 2011-يىلىدىن باشلىنىپ، ھازىرغا قەدەر سايتاما، چىبا ۋە توكيودىكى قەرىنداشلىرىمىزنىڭ ساھىپخانىلىقىدا، جەمئىي 3 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.

ھەر قېتىمقى پا’ئالىيەتكە، توكيو ئەتراپى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلاردىن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز جەم بولۇپ، تەنتەربىيە پا’ئالىيىتى ئارقىلىق، ئۆز-ئارا تونۇشۇش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش، پەرزەنتلىرىمىزگە مىللىي تۇيغۇ ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ناھايىتى تەنتەنىلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھەممەيلەن قېرىنداشلىق، بىرلىكنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىدىن ھاياجان ۋە ھۇزۇر ھېس قىلغان ئىدۇق.

ئەنە شۇ ھاياجان ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، كاناگاۋا رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 11-ئاينىڭ 22 كۈنى (شەنبە)، 4- نۆۋەتلىك ياپونىيە دوستلۇق تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار تاپتۇق.

قاتناشقۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىش، پا’ئالىيەتنى ئازادە ۋە كۆڭۈللۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، قاتناش قۇلايلىق ۋە ناھايىتى مەنزىرىلىك بولغان شوۋا خاتىرە باغچىسى (昭和記念公園) غا سورۇن ھازىرلىدۇق.

بۇ پا’ئالىيەتتە، رايونلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى، ئاتلانغۇچ، پۇت باغلاپ يۈگۈرۈش ۋە مىللىي ئۇسلۇبتىكى باللار ئويۇنى قاتارلىق تەنتەربىيە پا’ئالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىشتىن باشقا، مەززىلىك تا’ئاملار بىلەن ئوپچە غىزالىنىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئېلىپ بېرىلماقچى.

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پا’ئالىيەت ۋاقتى سەل كېيىنگە سۈرۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ياپونىيەدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بېرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرىدىن چىققان ئىللىق ھارارەت ۋە قىزغىنلىقلار بىلەن كۈز پەسلىنىڭ سوغۇقىمۇ بىلىنمەيدۇ دەپ ئويلايمىز.
(11/22 كۈنىدىكى تېمپېراتۇرا 8-16℃ ئەتراپىدا)

ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئا’ئىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمىز. پا’ئالىيەت كۈنىنىڭ بالدۇرراق يىتىپ كېلىشىگە، بارلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشۈشكە تەقەززامىز.

پائالىيەت ۋاختى: 2014-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى (شەنبە)
سا’ئەت 9:30 ~16:30
(فۇتسال مەيدانىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاختى: 9:30 ~ 12:00)

پائالىيەت ئورنى: 昭和記念公園
http://www.showakinen-koen.jp/access.htm
قاتناش 交通: 西立川駅 徒歩2分、立川駅 徒歩10分
住所: 190-0014 東京都立川市緑町3173
園内地図: http://www.noruz-jp.com/noruz/sports_4th_map.jpg

پا’ئالىيەت ھەققى: خىزمەتچىلەر 2،000يېن، ئىشسىزلار ۋە ئوقۇغۇچىلار 1،000يېن؛
تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار ۋە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر ھەقسىز.
توكيو، چىبا، سائىتاما، كاناگاۋا، توچىگى، ئىباراكى، گۇنما قاتارلىق كانتو رايونىدىن سىرتقى جايلاردىن كەلگەنلەردىن ھەق ئېلىنمايدۇ.
باغچىغا كەلگەندىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، چاي ھەققى تاپشۇرىلىدۇ.

باغچىغا كىرىش ھەققى: تىزىمغا ئالدۇرغانلارغا باغچىغا كىرىش بەلىتى (توپ باھادا ئالدىن سەتىۋەلىنغان بەلەت) ئەۋەرتىپ بەرىلىدۇ. بەسىپ چىقىرىۋەلىپ باغچا كىرىش ئىشىگىدە تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
تىزىملىتالماي قالغانلار ئۇزى بەلەت ئەلىپ كەرىشكە توغرى كەلىدۇ.
(باغچىغا كىرىش بەلىتى 410يەن؛ بۇ چاي ھەققىدىن سىرتقى چىقىم بولىدۇ)

تىزىملىتىش مۆھلىتى: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، سا’ئەت 17:00 گىچە
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، سا’ئەت 12:00 گىچە ئۇزارتىلدى

(يېمەكلىك تەييارلاشىمىز ۋە بەلەت ئەۋەرتىپ بەرىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشىڭىزنى سورايمىز)

ئالاقە ۋە تىزىملاش ئەلخەت ئادرېسى:
mamatkarsay@yahoo.co.jp (مەمەت ئابدۇكادىر)
مەمەتجان.zunun@gmail.com (ماماتجان زۇنۇن)
sports@noruz-jp.com (ئۇيغۇر سپورتس)

ھۆرمەت بىلەن:
4- نۆۋەتلىك ياپونىيە دوستلۇق تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنى تەشكىللەش گۇرۇپپىسى
ساھىبخانا بېشى : مەمەت ئابدۇكادىر

ئەسكەرتىش:
1. تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قۇلايلىق كىيىم كەيىپ كەلگەيسىزلەر (يېشىل چۆپلۈك مەيدانىنى ئاسراش سەۋەبىدىن، پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ مىخلىق پۇتبول ئايىغىنى كىيىش چەكلىنىدۇ).
2. ھەقلىق ماشىنا توختىتىش ئورنى بار (بىر كۈنلۈك ھەققى 820 يېن).
3. باغچىدا ھەر خىل بالىلار ئۇيۇن ئەسلىھەلىرى بولۇپ، ئورتاق پائالىيەتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئويناشقا ناھايتى مۇۋاپىق (ئاساسەن بىكارلىق).
4. بالىلار بىخەتەرلىكىگە ھەر ئا’ئىلە مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولۇشىنى سورايمىز.

تور بەت ئادرېسى:
http://www.noruz-jp.com/noruz/sports.html

كونا يەزىقتىكى پائالىيەت ئۇقتۇرىشىنى بۇ يەردىن چۇشۇرۇۋەلىڭ (PDF)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز