كانتو رايونى 2-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پائالىيتى(چېبا)

تۇنجى نۆۋەتلىك ياپونىيە دوستلۇق تەنتەربىيە پا’ئالىيىتى قېرىندىشىمىز خالمات روزاخۇن ئىلىكىدىكى نادىرە ھالال يېمەكلىكلەر شىركىتى ۋە سائىتاما رايونىدىكى ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشىدا، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ پا’ئالىيەتكە ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 150 كە يېقىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قاتناشتى. ھەتتا نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقتىكى ئىۋاتې، مىياگى رايونىدىنمۇ قېرىنداشلىرىمىز يېتىپ كېلىپ پا’ئالىيەتنىڭ جۇشقۇنلۇقىنى ئاشۇرغان ئىدى. شۇ كۈندىكى پا’ئالىيەتتىن ھەممىلەر قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق مېھىرنىڭ قايتا نامايان بولۇشىدىن، بىرلىك، ئورتاقلىقنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىدىن ھاياجان ۋە ھۇزۇر ھېس قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ ھاياجان ۋە ھۇزۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنى ھەممە ۋەتەنداشلار بىلەن ئورتاق پەتىلىشىپ ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە، چىبا رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 10-ئاينىڭ 27 كۈنى (شەنبە) 2- نۆۋەتلىك ياپونىيە دوستلۇق تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار تاپتۇق.

بۇ نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنى تېخىمۇ مەزمۇنغا باي، تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن چىبا رايونىدىكى ئەزىمەتلىرىمىز جىددىي تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ پا’ئالىيەتتە، رايونلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىش، ئاتلانغۇچ، پۇت باغلاپ يۈگۈرۈش ۋە مىللىي ئۇسلۇبتىكى باللار ئويۇنى قاتارلىق تەنتەربىيە پا’ئالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىشتىن باشقا، قۇربانلىق گۆش-شورپا، مەززىلىك تا’ئاملار ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەر تەييارلىنىپ، ئايەملىك نەغمە-ناۋا، توپچە ھېيتلىشىش ئېلىپ بېرىلماقچى. پا’ئالىيەتلەرنىڭ كۆڭۈللۈك، ئازادە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ناھايىتى مەنزىرىلىك ئىناگې دېڭىز ساھىلى باغچىسىغا سورۇن ھازىرلىدۇق.

پا’ئالىيەت ئۇچۇرىنى يوللاش كېچىكىپ قالغان بولسىمۇ، ياپونىيەدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى مۆھلەتكىچە ۋاقتىدا تىزىملىتىپ، پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بېرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇشبۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغان قېرىنداشلارغىمۇ ئوز-ئارا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئا’ئىلىسىنىڭ تىنچ-ئامان، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمىز. پا’ئالىيەت كۈنىنىڭ بالدۇرراق يىتىپ كېلىشىگە، بارلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشۈشكە تەقەززامىز.

پائالىيەت ۋاختى: 2012-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى (شەنبە)
10:00~16:30 (تىزىملاش ۋاختى: 9:30~10:00)

پائالىيەت ئورنى: ئىناگە دەڭىز ساھىلى باغچىسى

稲毛海浜公園
http://www.city.chiba.jp/toshi/koenryokuchi/kanri/mihama/inagekaihinkoen.html
Addrisi: 〒261-0003 千葉県千葉市美浜区高浜7丁目2-1
電話: 043-279-8440
Qatnash: http://www.cga.or.jp/004008/map001.html

ئا’ئالىيەت ھەققى: خىزمەتچىلەر 3،000يېن، ئىشسىزلار ۋە ئوقۇغۇچىلار 1،500يېن
تولۇق ئوتتۇرىدىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار ۋە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر ھەقسىز. توكيو، چىبا، سائىتاما، كاناگاۋا، توچىگى، ئىباراكى، گۇنما قاتارلىق كانتو رايونىدىن سىرتقى جايلاردىن كەلگەنلەردىن ھەق ئېلىنمايدۇ.
تىزىملىتىش مۆھلىتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، سا’ئەت 17:00 گىچە
(يېمەكلىك تەييارلىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشىڭىزنى سورايمىز)

ھۆرمەت بىلەن:
2- نۆۋەتلىك ياپونىيە دوستلۇق تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنى تەشكىللەش گۇرۇپپىسى
ساھىبخان بەشى ۋە ئالاقىلىشىش ۋەكىلى: ئابدۇرەھىم رەجەپ

ئەسكەرتىش:
1. تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قۇلايلىق كىيىم كەيپ كەلگەيسىزلەر (يېشىل چۆپلۈك مەيدانىنى ئاسراش سەۋەبىدىن، پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ مىخلىق پۇتبول ئايىغىنى كىيىش چەكلىنىدۇ، لېكىن مىخى يوق مەشىق ئايىغى بولسا بولىدۇ).
2. ھەقلىق ماشىنا توختىتىش ئورنى بار (بىر كۈنلۈك ھەققى 600 يېن).
3. بالىلار بىخەتەرلىكىگە ھەر ئا’ئىلە مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولۇشىنى سورايمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز