كانتو رايونى 1-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پائالىيتى(سايتاما)

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز خالمەت روزاخۇن ئىلىكىدىكى نادىرە ھالال يېمەكلىكلەر شىركىتى ۋە سائىتاما رايونىدىكى ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشىدا، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ياپونىيە دوستلۇق تەنتەربىيە پا’ئالىيىتى ناھايىتى داغدۇغىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پا’ئالىيەتكە ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 150 كە يېقىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قاتناشتى. ھەتتا نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقتىكى ئىۋاتې، مىياگى رايونىدىنمۇ يېتىپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز بولدى. پا’ئالىيەت باشتىن-ئاخىر ناھايىتى قىزغىن، شاد-خۇراملىق كەيپىياتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم، رايونلار ئارا ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى، ئاتا-بالا/ئانا-بالا ۋە ئەر-ئايال/ئوغۇل-قىز جۈپلەرنىڭ پۇت باغلاپ ئۇچ پۇتلۇق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، ئاتلانغۇچ (تانا سەكرەش) مۇسابىقىسى ۋە پۇتبول مۇسابىقىسى ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى. يېشىللىقتا ئاسمان پەلەك چاڭ كۆتۈرۈلدى. تۆكۈلگەن ئىسسىق تەرلەر، دوستلۇق-قېرىنداشلىق سۆيگۈسى بىلەن ئوز-ئارا يۇغۇرۇلدى. قەلبلەر تېخىمۇ گىرەلەشتى. مانا بۇ تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق مېۋىسىدۇر!

saitama tenterbiye paaliyiti

سايتاما تەنتەربىيە پائالىيتىدىن كۆرنۈش

ئارغامچا تارتىشتا سائىتاما رايونىدىكى ئەرلەر گۇرۇپپىسى، چىبا، توكيو، كاناگاۋا رايونىدىكىلەرنى يېڭىپ 1-لىككە ئېرىشتى. خانىم-قىزلارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپىسى سائىتاما گۇرۇپپىسىنى يېڭىپ 1-لىككە ئېرىشتى. ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپىسى، سائىتاما رايونىدىكى ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنى يېڭىپ 1-لىككە ئېرىشتى. پۇت باغلاپ يۈگۈرۈشتە، ئەر-ئاياللار تۇرى بويىچە ئەلقەم & كۈندۈز، ئاتا-بالا تۈرىدە غالىپجان & ئىلشات، خالىغان جۈپلەر تۈرىدە ئەكبەر & مۇختەر قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىز 1-لىككە ئېرىشتى. ئاتلانغۇچ سەكرەشتە باشلانغۇچ يېشىدىكى پەرزەنتىمىز دانىيار دىلشات 1-لىككە ئېرىشتى. 1-لىككە ئېرىشكەن ئەزىمەتلەرگە، نادىرە ھالال يېمەكلىكلەر شىركىتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلدى. (ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى مەلۇماتلاردا خاتالىق بولۇپ قالسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز)

saitama tenterbiye paaliyiti

سايتامادىكى تەنتەربىيە پائالىيتىدىن كۆرنۈش

تاللانغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان كاككۇك پۇتبول كوماندىسى سائىتاما رايونىدىكى ياپونلۇقلار كوماندىسىنى 2 گە قارشى 6 نومۇر بىلەن يېڭىپ چېمپىيون بولدى. تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوستلۇق مۇسابىقە، ھەممىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ پەللىگە كۆتۈردى. ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ چەبدەسلىك، جاسارەتلىك ماھارىتىنى نامايان قىلدى. بۇ ماھىرلارنىڭ ئىچىدە، بۇرۇن ۋەتەندىكى كەسپىي پۇتبول كوماندىسى ئىچىدە توپ تەپكەن، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ماھىرلاردىن بىر نەچچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى چىرايلىق، ماھارەتلىك توپ ئېلىپ مېڭىشلىرى، ئالداشلىرى، توپ سولاشلىرىغا ھەممىلەر ئاپىرىن ئوقۇشماي تۇرالمىدى. رەقىبلىرىمۇ ھەيران قېلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇقۇشماي بىرەر دۆلەت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ قېلىشقىنىدەك ھېسسىياتلىرى چىرايىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئەتراپتىكى تاماشىبىن قېرىنداشلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى، ئىسقىرتىشلىرى كەيپىياتنى تېخىمۇ پەلەككە كۆتۈردى. ئۇيغۇر-سپورتستاماشىبىن ئۇيغۇرلار ئۆز كوماندىسىنى قوللاپ سادا ياڭرىتىپلا قالماي، ياپونىيەلىكلەر كوماندىسىنىڭ ماھارىتىگىمۇ ئالقىشلىرىنى ئايىمىدى. مۇسابىقە ھەقىقەتەن بىر دوستلۇق كەيپىياتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئۇيغۇر كاككۇك كوماندىسىغا نادىرە ھالال يېمەكلىكلەر شىركىتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان چېمپىيون لوڭقىسى تەقدىم ئېتىلدى.

saitama tenterbiye paaliyiti

سايتامادىكى تەنتەربىيە پائالىيتىدىن كۆرنۈش.

قاتناشقان قېرىنداشلار بۇ پا’ئالىيەتتىن ناھايىتى مەمنۇن بولغىنىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ پا’ئالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرگە تەشەككۈرلىرىنى ئېيتىشتى. مۇمكىن بولسا بۇ خىلدىكى پا’ئالىيەتلەرنى داۋاملىق، يىلدا بىر-ئىككى نۆۋەت ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش توغرۇلۇق تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشتى. سورۇندىكىلەرنىڭ بىردەك تەلىپىگە ئاساسەن، كېيىنكى نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى تالىشىش ئېلىپ بېرىلدى. قىزغىنلىق بىلەن تالىشىشنى توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈن، سائىتاما، توكيو، چىبا، كاناگاۋا رايونىنىڭ ۋەكىللىرى چەك تارتىش ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى نۆۋەتلىك ساھىبخان چىبا رايونى بولۇپ بەلگىلەندى. ئابدۇرەھىم رەجەپ باشچىلىقىدىكى چىبا گۇرۇپپىسى بۇ تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنىڭ خاس سىمۋولى بولغان دوستلۇق لوڭقىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. كېيىنكى نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئويۇشتۇرىدىغانغا ۋەدىلەر بەردى.

بىز كېيىنكى نۆۋەتلىك تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىنىڭ ئۇچۇرىنى بالدۇرراق تاپشۇرۇپ ئېلىشقا تەقەززامىز. ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېيىنكى قېتىملىق (2-نۆۋەتلىك) تەنتەربىيە پا’ئالىيىتىگە تېخىمۇ كۆپلەپ قاتنىشىشىنى ئىلتىجا قىلىمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز