2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسگە تەكلىپ

2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى گە تەكلىپ

2019年度 ノルズ祭宴会案内状(日本語) PDF

بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم

ئەجداتنىڭ تۆھپىسى بۇ بۈيۈك نورۇز،

ئەخلاقنىڭ دەستۇرى بۇ ئۇلۇغ نورۇز،

ئىتىپاقلىق-بىرلىكنىڭ سىموۋولى نورۇز،

ئۇيغۇرغا مىراستۇر بۇ قۇتلۇق نورۇز! 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىرداش، يىلتىزداش، قەلىبداش ۋە تەغدىرداش قېرىنداشلار:

  نورۇز بايرىمى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولۇپ، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تەنتەنە قىلىپ بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا مەنىۋى مىراسلارنىڭ بىرسىدۇر. ئەجداد ئىزىنى بىسىش بىز ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ بۇرچىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز.

  يىللاردىن بېرى ياپونىيە زىمىنىدا ياشاۋاتقان بىرقىسىم مىللەت سۆيەر ئوت يۇرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز، خالىسانە ئەجىر سىڭدۇرۇش نەتىجىسىدە ”ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى“ ئۈزۈلۈپ قالماي بۇگۇنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. نورۇز، ياپونىيە زىمىنىدا ياشاۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ ئۆز-ئارا دىدارلىشىپ، ھال-مۇڭ ئېيتىش ۋە بىر-بىرىنىڭ ئوقۇش، خىزمەت نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلايدىغان، ئۆز-ئارا مەدەت بېرىشىپ جىسماني ۋە روھى بىسىملىرىنى يىنىكلىتىدىغان، تىل-مەدىنىنىيىتىمىزنى قوغدايدىغان، ئەڭ مۇھىمى ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇماق پەرزەنتلىرىمىز گە ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگتىدىغان، شۇنداقلا پەرزەنتلىرىمىز ياخشى كۆرۈپ قاتنىشىدىغان ئىلىم-مەرىپەت سورۇنىغا ئايلاندى. بۇندىن كېيىنمۇ مەڭگۇ داۋاملاشقۇسى، ئىشائاللاھ!

  ئەزىز قېرىداشلار، ئاللاھ نىسىب قىلسا بۇ يىللىق نورۇز تەنتەنىسىگە ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۇركىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجىرتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى، شۇنداقلا، سورۇنىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى ھەم ساھىبخانى بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇ يىللىق نورۇز تەنتەنىسى  ئۇچۇن ئۇماق پەرزەنتلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرى يىتەكچىلىكىدە ئاز بولمىغان نادىر نۇمۇرلارنى تەييارلىدى. 2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى ھەيئەتلىكى جامائەتنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىنى يەكۈنلەپ، مەزمۇنى مول بولغان شۇنداقلا ئېزىلگەن كۆڭۈللەرگە جاسارەت بېغىشلايدىغان ”2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى“ نى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز. ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى ۋە ھەمكارلىشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.

 پائالىيەت ۋاقتى:

2019-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (پەيشەنبە) سائەت 17:30 ~ 12:00
※ تەييارلىق ۋاقتى : 12:45 ~ 12:00 (JUN ھەيئەتلىرى ۋە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلار)
※ مىھمان قوبۇل قىلىش ۋاقتى : 13:00 ~ 12:30  ۋاقىتقا قەتئى رىئايە قىلىڭ!

پۇروگىراممىلار ۋە تەرتىپ : (17:00 ~ 13:00)

• ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى نىڭ ئەھمىيىتى ۋە پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش
• ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى يىگىت بىشىنىڭ سۆزى
• ئۇمۇمى خور
• بالىلار نۇمۇرلىرى
• ئىتوت، مىللىيچە ناخشا-مۇزىكا، مىللىيچە ئۇسۇل ۋە شېئىر دىكىلاتماسىيە قاتارلىقلار
• باكلاۋۇر، ماگىستىر، دوكتور بولغانلارنى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەنلەرنى تەبرىكلەش
• ”6-نۆۋەتلىك نورۇز ئاكادىمىيە يىغىنى“ توغرىسىدا دوكىلات ۋە كىيىنكى پائالىيەتلەر ھەققىدە
• ياپونىيە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىنگىلىسچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ھەققىدە
• مېھمانلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزى
• پائالىيەت ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزى ۋە خۇلاسە (17:00 ~ 16:50)
• يىغىشتۇرۇش (17:30 ~ 17:00)

پائالىيەت ئورنى :

シーバンスホール浜松町
東京都港区芝浦一丁目2番2号 シーバンス ア・モール3F
http://www.seavanshall.jp/index.html

※ قاتناش ئۇچۇرىنى، يۇقۇرقى زالنىڭ توربېتىدىن ياكى تەكلىپنامىنىڭ ياپونچە نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى :

1.تور بەت ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش
تۆۋەندىكى تور بەت ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملاش ھەيئەتلىرىگە يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
http://www.noruz-jp.com/noruz_tizimlax_2019

2.ئېلخەت (E-mail) ئارقىلىق تىزىملىتىش
ئەگەر يۇقىرىدىكى تور بەت ئارقىلىق تىزىملىتىش قۇلايسىز بولسا، ئېلخەت ئادرىسىمىزغا تۆۋەندىكى
بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېلخەت ئادرىسىمىز jun@noruz-jp.com
1) تىزىملاتقۇچى ۋە بىللە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى(Alphabet)، تىزىملاتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ۋە پەرزەنتلەرنىڭ يېشى.
2) سالاھىيىتى (خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى، چەتئەلدىن كەلگەن مىھمان قاتارلىق(…
3) شىركەت ياكى مەكتەپ ئىسمى
4) ئولتۇرۇشلۇق ئۆلكە ۋە شەھەر ئىسمى
5) ئېلخەت (E-mail) ئادرىسى
6) تەبرىكلەنگۈچى ئۇچۇرى:
تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىنىدۇ
2019/3~2018/4 ئارلىقىدا دوكتور، ماگىستىر، باكلاۋۇر(ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر) ئۈنۋانى ئالغانلار
2019/4 دا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدىغان ئۆسمۇرلەر
7) ئەگەر مەرىكىنىڭ DVD پلاستىنكىسىنى سېتىۋالاماقچى بولسىڭىز، سانى ۋە تەپسىلى پوچتا ئادرىسىڭىز
DVD پىلاستىنكىسى رەتلەپ ئىشلىنىپ 5-ئاينىڭ بېشىغىچە پوچتا ئارقىلىق سىز ئەۋەتكەن ئادرىسقا ئەۋەتىلىدۇ
DVD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى: 1500يېن

تىزىملىتىش مۇددىتى:

2019-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) گىچە 
مۇددەت توشقان ھامان تىزىملاش توختىتىلىدۇ

مەرىكىگە قاتنىشىش ھەققى :

پوستدوكتور، كارخانىچىلار، خىزمەتچىلەر(個人事業主、会社員、Postdoctor) 6,000円
خىزمەتچىلەرنىڭ ھەمراھلىرى(扶養配偶者) 4,000円
كەسپىي تەخنىكومدىن يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلار (大学院生、研究生、大学生、専門学校生) 4,000円
ياپون تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (日本語学校生) 3,000円
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىرى (学生扶養配偶者) 3,000円
چەتئەلدىن كەلگەن مىھمانلار (海外ご来賓) 2,000円
تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (中、高校生) 1,000円
باشلانغۇچ مەكتەپتىن توۋەن پەرزەنتلەر (小学生、幼児) 0円

   ※ تاماق تارتىلىدۇ

ئەسكەرتىش 

1. تىزىملىتىپ كېلىشكە چوقۇم رىئايە قىلىڭ !
  • تىزىملاتماي كەلگەنلەردىن يۇقارقى قاتنىشىىش ھەققى دىن سىرت 1000يىن قوشۇپ ھەق ئېلىنىدۇ. بوش ئورۇن         ئەھۋالغا قاراپ مەرىكىگە قاتنىشىشى رەت قىلىنىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.
  • تىزىملاتقاندا بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى چۈشۈرۈپ قويماي تولۇق يوللاڭ.
  • تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قاتنىشالمايدىغان بولۇپ قالسىڭىز، يۇقۇردىكى ئېلخەت       ئادرىسىغا چوقۇم ئۇچۇر يوللاڭ (چۈنكى، ئادەم سانىغا قاراپ يىمەك-ئىچمەك تەييارلىنىدۇ…)
2. تىزىملاش مۇددىتى (3-ئاينىڭ15-كۈنى) گە چوقۇم رىئايە قىلىڭ! مۇددەت توشقان ھامان تىزىملاش توختىتىلىدۇ.
3. پائالىيئەت كۈنى ۋاقىتقا چوقۇم رىئايە قىلىڭ!

ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ “ 2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى“ گە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!!!

ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسى(JUN)
2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى ھەيئەتلىكى
يىگىت بىشى : تۇرسۇن ھەسەن

2019-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى (توكيو)

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, نورۇز سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز