نورۇز توغرىسىدا

ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئەنئەنىسى
ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئەنئەنىسى «نورۇز»- پارىسچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا «يېڭى كۈن، باش باھار» مەنىسىدە كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى باشقا تۈرك قەۋملىرىگە ئوخشاش 21-مارت (21-نورۇز) كۈنىدە قۇتلۇقلانماقتا. ئۇيغۇرلاردا بۇ بايرام ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى بويىچە كونا يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنىدە قۇتلۇقلىنىدۇ. نورۇز مىلادى كالېندارى بويىچە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي مەنبەلەر ۋە بەزى ئەپسانىلەر، نورۇزنىڭ ئۇيغۇرلاردا 9-ئەسىردىن بۇيان بىر مەرىكە بولۇپ قۇتلۇقلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆك تەڭرىگە تېۋىنغان ئۇيغۇرلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ «ئاق قوزا» ئاتلىق يۇلتۇزغا ئىنسانلارغا بەخت بەرگۈچى ئىلاھ دەپ تېۋىنغان ۋە «ئاق قوزا» ئايىنىڭ تۇنجى كۈنىنى (ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى بويىچە 21-مارت) يېڭى كۈن(نورۇز) دەپ قۇتلۇقلاشقان.
بۇ بايرام ئىسلامىيەت ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ داۋام قىلغان. 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە نورۇز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئېيى دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئېيى دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ. ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نورۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نورۇز- جاھان بەخت-سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىيلارچە خۇشاللىقلىرىنى نامايان قىلىنىدۇ.(مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانە لۇغىتى تۈرك») بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» ئاتلىق مازىرىغا بارغان يىللارغا قەدەر، قەشقەر ئەتراپىدىكى جايلاردىن نۇرغۇن زىيارەتچى كېلىپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىماقتا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ يەر بۈگۈنكى كۈندە « نورۇز(نورۇز)بۇلاق» نامى بىلەن تونۇلماقتا.
ئۇيغۇرلاردا قاچاندىن بېرى «نورۇز» سۆزىنىڭ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا خاتىرىلەنگەن «يېڭى كۈن» سۆزىنىڭ ئورنىغا قوللىنىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرىتىمىز. بۈيۈك شائىرىمىز نەۋايى «چاھار دىۋان» دېگەن ئەسىرىدە «نورۇز» ناملىق مۇقام ۋە نورۇزدا ئوقۇلغان شېئىر ھەققىدە توختالغان. ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە: ئۇيغۇرلاردا نورۇزنى قۇتلۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىلەر «توققۇز قىياپەت» ياكى «توققۇز ئوغۇل» ئەنئەنىسى ھالىتىدە كەلگەن.
بۇ ئەنئەنىلەر قىسقىچە مۇنداقتۇر:
بىرىنچى ئەنئەنە: كونا يىلنىڭ ئاخىرلىشىش پائالىيىتى. ھەممە يەردە نورۇز ناغرىسى چېلىنىپ، نورۇزنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆيمۇ –ئۆي ئارىلاپ «نورۇز مەشرەپ، نورۇز بەگ، نورۇز سالام، نورۇز كەل» قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. ھەركىشى مەھەللىدىكى پائالىيەت ئۈچۈن ئىمكانىيىتى يەتكەن مىقداردا ئۇن، ياغ، شېكەر، قۇرۇق يېمىش، نان ۋە باشقا خىلمۇ-خىل يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. ھەر مەھەللىنىڭ مەركىزىدە قازانلاردا بۇ كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەردىن «كوجا» ئاتلىق يېمەكلىك پىشۇرۇلىدۇ. ھەممەيلەن بۇ يېمەكنى يېگەندىن كىيىن ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ ۋە كىيىن قول سىقىشىپ بىر-بىرىنى «يېشىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشىپ تەبرىكلىشىدۇ. ئىبادەت ئەسناسىدا بىرلىكتە يەپ–ئىچمەك، بىرلىكتە دۇئا قىلماق، ئۇلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ «نورۇزغا چىقىش»مۇ دېيىلىدۇ.
ئىككىنچى ئەنئەنە: كىشىلەر پاكىزە، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىشىپ دىنىي ئىبادەت سورۇنلىرىغا بېرىشىدۇ، ئارىلىرىدىن كەتكەن چوڭلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ دۇئا ئوقۇيدۇ. بۇ «نورۇز دۇئاسى» دېيىلىدۇ.
ئۈچىنچى ئەنئەنە: كىشىلەر بىر-بىرلىرىنى يوقلىشىدۇ، ياردەمگە موھتاجلارغا ياردەم قىلىشىدۇ، كېسەللەر ۋە ئۆزرىلىكلەرنى يوقلايدۇ، يامان ئىش-ھەرىكەتتە بولغانلارغا نەسىھەت قىلىنىدۇ. بۇ «نورۇز زىيارىتى» دېيىلىدۇ.
تۆتىنچى ئەنئەنە: ھەربىر يەرنىڭ ئۆلچىمىدە ئوتتۇرا ياش، ياش، ياكى بالىلار قاتارلىق ھەر تۈرلۈك گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇ كۈندە نورۇز ئويۇنلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نورۇز ئويۇنلىرىنىڭ سانى ئەللىكتىن كۆپ. خۇسۇسەن، جانبازلىق، ئوغلاق تارتىشىشقا ئوخشاش مەھەللىۋى تەنھەرىكەتلەر، ساما، مەشرەپكە ئوخشاش سەنئەت كۆرەكلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. بۇلارسىز نورۇز بولماس.
بەشىنچى ئەنئەنە: ھەر يەردە ئات سەيلىسى، بەزمە سەيلىسى، تاغ سەيلىسى، يۇرت سەيلىسى، كۆك سەيلىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك سەيلە-ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. نورۇزدا ئۇيغۇرلار باھارنى ئويۇن ئويناپ جۇشقۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ.
ئالتىنچى ئەنئەنە: نورۇز يەنە بىر ھېكايە، بىر داستان ئېيتىشىش كۈنىدۇر. مەدداھلار داستان ۋە قىسسىلەرنى ئېيتىشىدۇ. ئەلنەغمىچىلەر «نورۇزنامە» ئوقۇيدۇ. مەشھۇرراق «نورۇزنامە»لەردىن بىرى مۇنداقتۇر:
كەلدى نورۇز – يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى،
نورۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى.
گۈللەر قىسىپ قىز-ئوغۇل ئەگرى قويار بۆكىنى،
مەجلىس قىلىپ ئوينىشار، ئاچار كۆڭۈل مۈلكىنى،
قايغۇ مېھنەتلەر كېتىپ، يايرىشار كۈندۇر بۈگۈن.
يەتتىنچى ئەنئەنە: بۇ كۈندە چوڭلار يوقلىنىدۇ، دەردى بارلارغا دەرمان تېپىلىدۇ، ئارازلىشىپ قالغان ئەر–خوتۇن، قۇلۇم–قوشنىلار ياراشتۇرۇلىدۇ، ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن ھەر خىل تەشەببۇسلار قىلىنىدۇ.
سەككىزىنچى ئەنئەنە: دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قەدىمدىن بېرى نورۇزنى ئىش بېشى بايرىمى، ھەر يىلنىڭ ئىشلىرىنىڭ پىلانلىنىدىغان كۈنى دەپ قەدىرلەيدۇ. ئۇ كۈنى كىشىلەر توپلىشىپ دەريا-ئۆستەڭ، كۆل، كۆۋرۈك، بۇلاق ۋە باشقا يەرلەرنى بىرلىكتە تۈزەيدۇ.
توققۇزىنچى ئەنئەنە: ئۇيغۇرلار نورۇزدا پېقىرلارغا، يېتىملەرلا، ياشانغانلارغا، قازاغا يولۇققانلارغا، تۇرمۇشتا قىسىلغانلارغا يېمەك، پۇل قاتارلىق ماددىي ياردەملەر بىلەن بىللە مەنىۋى ياردەملەردە بولىدۇ. نورۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نامايان بولىدىغان بىر بايرام بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر يىتىپ كەلگەن.
*****************************************************************************
مەنبەلەر: ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى» 1996-يىل شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى. ئۈرۈمچى.
رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا: «نورۇز» 1995-يىل ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى ئەنقەرە.
شېرىپ خۇشتار: «نورۇز ۋە رەڭلەر» 1996-يىل ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى ئەنقەرە. ئەنۋەر مۇھەممەت: تۈركسوي زھورنىلى 2003-يىلى ماي.
****************************************************************************
نورۇز – دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايرام!

نورۇز – ئەڭ قەدىمىي، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى. نورۇز دۇنيادىكى مىلاد، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى. بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون ئەتراپىدا.
نورۇز پەيدا بولغاندىن كېيىن، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە نورۇز مەدەنىيىتى ھادىسىسى پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىلەن نورۇز ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بايرام پائالىيىتىگە ئايلاندى.
نورۇز مەدەنىيەت ھادىسىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن :
(1) نورۇز – يېڭى يىل بايرىمى.
چۈنكى نورۇز ھەر يىلى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلىشىدىغان پەيتتە كېلىدۇ. يەنى 3–ئاينىڭ 21–كۈنى كېچە سائەت نۆلگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى يىل بېشى قىلىنغان. 21–مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنى ۋاقىتنى سۆيۈش، ۋاقىتنى قەدىرلەش، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك رىقابەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان.
(2) نورۇز – تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى.
نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان، دەل–دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ، تاغ، ئېدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان، ئەگىز ئېقىپ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتتىن زوقلىنىش، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ–ئورمان، گۈل–گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن.
(3) نورۇز – ئەمگەك بايرىمى، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات–سەنئەت بايرىمى.
ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش – نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، نورۇزنى، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق، خۇشاللىق، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش – نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى.
ئۇيغۇرلاردا نورۇز – قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام. بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت، تەبىئەت بايرىمىغا، ئەمگەك، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا. ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى .قوشۇلىدۇ
******************************************************************************************
Menbe: http://ketmenbay.blogspot.com/2009/03/noruz-bayrimi-we-uyghurlar.html ******************************************************************************************

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز