3-نۆۋەتلىك ياپونىيەدە نۇرۇز ئاكادېمىيىسى دوكتۇر، ماگىستېر، تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلىم – ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىنى

2016- يىللىق پائالىيەت ئۇقتۇرۇشى
3-نۆۋەتلىك ياپونىيەدە نۇرۇز ئاكادېمىيىسى دوكتۇر، ماگىستېر، تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلىم – ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىنى

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار:
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ھەر يىلى ياپونىيەدە نۇرۇز تەنتەنىسىنى تەبىرىكلەش بىلەن بىرگە ‹ياپونىيەدە نۇرۇز ئاكادېمىيىسى› پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيەدىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا دوكتۇرلۇق، ماگىستېرلىق ۋە تۇلۇق كۇرۇسنى تاماملىغان ياكى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ئورتاق تەبىرىكلەپ كەلدۇق.
شۇ ۋەجىدىن بۇ يىلمۇ دوكتۇرلۇق، ماگىستېرلىق ۋە تۇلۇق كۇرۇسنى تاماملىغان ياكى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەتىجىللىرىنى تەبىرىكلەش، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات مېۋىلىرىنى ئۆز خەلقىگە ئانا تىلىدا
بىلدۈرۈشنى خالايدىغانلارغا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە ئۈشبۈ پائالىيەتنى تەشكىللىدۇق. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇپائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، ھەمدە تەييارلىغان دوكىلاتلىرىنى ئالدىن سۇنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.
‹ نۇرۇز ئاكادېمىيىسى › يىغىنىغا تۆۋەندىكىدەك دوكىلات ياكى تېما يوللىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
1. تەتقىقاتچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز كەسپىگە ئائىت تەتقىقات دوكىلاتى ياكى ئىلمىي ماقالىسى.
2. دوكتۇر، ماگىستېر ۋە تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ دېسىرتاتسىيە دوكىلاتى ياكى ئىلمىي ماقالىسى.
3. ئاممىباپ بىلىم – ساۋات، تەتقىقات، يېڭى ئۇچۇر، مۇنازىرە ۋە باشقىلار.
تەلەپلەر:
1. سۇنۇلماقچى بولغان تېما، دوكىلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئامال بار ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يېزىقىدا ھازىرلىنىشى ۋە دوكىلات تىلىمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2. سۇنۇلماقچى بولغان دوكىالتتىكى كەسپى ئاتالغۇالرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادە قىلىنىلىشدا قىيىنچىلىق بولسا ياكى مۇكەممەل بولۇشقا ئىمكان بولمىسا، دوكىلات بەرگۈچىنىڭ خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز. دوكىلات مەزمۇنى ئەسلى يېزىقى (ئېنگىلىز تىلى ياكى ياپون تىلى) بويىچە بولسا بولىدۇ.
3. ھەر بىر تېما ئۈچۈن 15 مىنۇت دوكىلات بېرىش ۋە 5 مىنۇت مۇنازىرە قىلىش ۋاقتى بېرىلىدۇ.
4. سۇنماقچى بولغان دوكىلاتىڭىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن بۇرۇن بىزگە يوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
5.دوكىلات يوللاش ئادرىسى :
uqur@aa.cyberhome.ne.jp

بۇ يىللىق نۇرۇز ئاكادېمىيىسىنىڭ ۋاقتى ۋە مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:
يىغىن ۋاقتى: 2016 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13- كۈنى(يەكشەنبە) سائەت 9:30 دىن 17:00 گىچە
• چۈشتىن بۇرۇن(13:00 – 9:30) : تەتقىقاتچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دوكىلاتى.
• چۈشلۇك تاماق(13:30 – 13:00) : بارلىق قاتناشقۇچىلارغا نۇرۇز فوندى تەرىپىدىن تەييارلىنىدۇ.
• چۈشتىن كىيىن (17:00 – 13:30) : دوكتۇر، ماگىستېر ۋە تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېسىرتاتسىيە دوكىلاتى.
‹نۇرۇز ئاكادېمىيىسى› يىغىن ئورنى:
With You さいたま、埼玉県男女共同参画推進センター
ホテルブリランテ武蔵野の 3F,視聴覚セミナー室
ئادرىسى:
〒330-0081 埼玉県さいたま市中央区新都心 2-2
JR 京浜東北線、高崎線・宇都宮線「さいたま新都心駅」から徒歩 5 分
http://www.pref.saitama.lg.jp/withyou

yighin zali

yighin zali

yighin zali

ئالاقىالشقۇچىلار: ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم، غەيرەت غېنى، قاھار ئابلا
ئالاقىلىشىش ئادرىسى:
uqur[at]aa.cyberhome.ne.jp
ھۆرمەت بىلەن:
‹نۇرۇز ئاكادېمىيىسى› ئىجرائىيە كوممىتىتى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز