JUN نىڭ تەشكىللىشىدىكى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار پائالىيىتى

 

6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ياپونىيە 82-يىلدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر يامغۇر ئاپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىدى. ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200 دىن ئاشتى. بۇزۇلغان ئۆيلەرنىڭ سانى 40 مىڭغا يەتتى. ئوكاياما ۋىلايىتى كۇراشىكى شەھىرىدە ئوداكا دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشى، توسمىلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش سەۋەبىدىن ئاپەتنىڭ زىيىنى پەۋقۇللادە ئېغىر بولدى. كەلكۈننىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىرغا يەتتى. 3.5 كۇۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى بارلىق ئۆيلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.  قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 نەپەر بولدى.

ئاپەت بولغان رايونلاردا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم ئىدى. بۇ مەشغۇلاتلارنى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەن ئىلىپ بارغىلى بولمايتتى. پەقەت ئادەم كۈچىگە تايىنىشقىلا بولاتتى. ئەپسۇس! ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار يېتەرلىك ئادەم كۈچىنى تەمىنلەپ بېرەلمەيتتى. شۇڭا ئاپەت رايونى باشقا رايونلاردىن كېلەلەيدىغان پىدائىيلار قوشۇنىغا ئېھتىياجلىق ئىدى.

ۋەتەن ئىچى، سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ياپونىيە خەلقىنىڭ ھەر خىلدىكى ياردەملىرىگە ئېرىشىپ كەلدى. بۇ ياردەملەر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ياپونىيە دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا قوينىنى كەڭ ئاچقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بىزنىڭ ياپونىيە خەلقىگە مىننەتدارلىقىمىز، رەھمىتىمىز بار. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ياخشى نىيەت-ئويلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ‹ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسى› ئۇيۇشمىنىڭ پېشقەدەم ئەزالىرى ئابدۇغۇپۇر ئابدۇكېرىم ، دىلمۇرات تىلىۋالدى ئەپەندىلەرنىڭ تەشەببۇسى، ئۇيۇشما رەئىسى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باش بولۇشى،  بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان  كۇراشىكى شەھىرىگە بېرىپ پىدائىي بولۇش پائالىيىتى پىلانلاندى. ئەپسۇس، 28-چېسلا ياپونىيە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك  تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن  پىدائىيلار پائالىيىتى ئامالسىز 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى. پائالىيەت جەريانى جاپالىق، لېكىن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى. توكيو، ئوساكا، كوبې، نارا ئەتراپىدىن 45 نەپەر پىدائىي قېرىنداشلىرىمىز بارلىق قېرىنداشلارغا  ۋاكالىتەن ئاپەت رايونىدا ياردەمدە بولدى.  ئاپەت رايونىغا دەل ۋاقتىدا كېچىكمەي بېرىش ئۈچۈن توكيو ئەتراپىدىكى قېرىنداشلار  3-چېسلا كەچ سائەت 10 دا  يولغا چىقىپ، 9 سائەت يول يۈرۈش بىلەن ئەتىگەن سائەت 7 دە مەنزىلگە يېتىپ باردى. شۇ كۈندىكى تېمپېراتۇرا 38 گە يەتكەن بولسىمۇ، ئېغىر ئۇيقۇسىراش ئەھۋاللىرى بولغان بولسىمۇ، بارلىق قېرىنداشلار  بىر نەچچە  گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ تاپشۇرۇلغان ئەمگەكلەرنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىنتايىن ياخشى ئورۇنلىدى. پائالىيەت مەزمۇنىمىز پەقەت ئەمگەك ئەمەس. پىدائىيلارنى تەشكىللەش مەركىزىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بارلىق پىدائىيلار ئۈچۈن 450 كىشىلىك تاماق تەييارلاندى. ئاپەت رايونىدىكىلەرگە، پىدائىيلار مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرگە ھېچقانداق ئاۋارىچىلىك قىلماسلىق ئۈچۈن خالمەت روزاخون، خەمىت ئوسمان قاتارلىق  قېرىنداشلىرىمىز بارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى توكيودا تەييارلاپ ئاپەت رايونىغا ئېلىپ باردى.

پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جەرياندا قېرىنداشلىرىمىز بىر بىرىگە بولغان كۆيۈنۈش، قوللاشنى تولۇق ئىپادىلىدى. ئاپەت رايونىغا بارالمىغان قېرىنداشلىرىمىز پائالىيەتنى ئىقتىساد جەھەتتىن، ماددىي جەھەتتىن قوللىدى. يېمەكلىكلەرنى، ئىچىملىكلەرنى، ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى تەييارلاپ بەردى.

ئاخىرقى سۆزىمىز،

بىز ئۇيغۇرلار ياخشىلىقنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغان، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئاق كۆڭۈل، ئېسىل خىسلەتلىك مىللەت. گەرچە بىر كۈن ئىچىدە بەك چوڭ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن بولساقمۇ ياپونلۇق دوستلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى يەتكۈزەلىگەن بولساق شۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن زور خۇشاللىقتۇر.

بىز ئورتاق نىيەتتە ئۇيۇشساق، ئالدىمىزدىكى ھەرقانداق  مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ كېتەلەيمىز.

پائالىيىتىمىزنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرى

ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسى
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 7- كۈنى ياپونىيە، توكيو

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال, پائالىيەتلەر سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز