ھايات NPO توغرىسىدا

Hayat

«ئالاھىدە بېكىتىلگەن ساخاۋەت جەمئىيىتى ھايات»
(ياپونچە 「特定非営利活動法人ハヤト」)(ئالاھىدە بېكىتىلگەن ساخاۋەت جەمئىيىتى بولسا، پايدىنى كۆزلىمەيدىغان، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەستىقلىغان ساخاۋەت جەمئىيىتىنى كۆرسىتىدۇ) ئىككى ئۇيغۇر ۋە ئىككى ياپۇنلۇقتىن تەشكىللەنگن بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ ۋە قىلماقچى:

1. ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا ياردەم قىلىش
جۇڭگودىن ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇشنىڭ رەسمىيەتلىرى بەكمۇ مۇرەككەپ. يەنە جۇڭگودىكى «بېدىك شىركەتلەر» 8,000 ~12,000 سومغىچە بېدىك ھەققى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ياپون تىلى مەكتىپىگە تونۇشتۇرۇشنى ھەقسىز قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتا ئاخىرغىچە ماتىرياللىرىنى تەكشۈش ئىلىپ بارىمىز خاتىرجەم ھالدا بىزگە تاپشۇرسىڭىز بولدۇ،شۇنداقلا ياپونغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان بۇيۇملار بىلەن تەمىن ئىتىلدۇ. ياپون تىلى مەكتىپىدىن ئالىي مەكتەپ ۋە ئاسپىرانتۇراغا ئوقۇشقا كىرىدىغانلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز (ياپون تىلى مەكتىپىدىكى ئوقۇش نەتىجىسى ۋە دەرسكە قاتنىشىش نىسبىتى، «ھايات» بەلگىلىگەن ئۆلچەم ئىچىدە بولسا). ۋەتەندە ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان دوست-بۇرادەرلىرىڭلار بولسا، بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭلار. 2013-يىلىدىن 2014-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا 6 ئۇيغرۇ ئوقوغۇچى ئوڭۇشلۇق ھالدا ياپونغا كەلدى، ئەمدى 2015-يىلى 7-ئايدىن كىيىن كېلىپ ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىمىز.
ھەمكارلاشقان ياپون تىلى مەكتەپلىرى سايتاما، توكيونىڭ شىمالى رايونى ،ۋە ئوساكانىڭ تويوناكا شەھرىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇرۇق تۇققانلارىڭىز، دوسلىرىڭىز ياپونغا ئوقۇشقا كەلمەكچى بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

2. ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىنكى ياردەم
يېڭى كەلگەنلەرنىڭ تۇرالغۇ تېپىشى، ياپونچە ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىمىز ۋە ئىش تېپىشىدا زۆرۈر بولغان قائىدە يوسۇنلارنى ئۆگىتىمىز.بولۇپمۇ ياپون تىلى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كىينكى ئۆرلەپ ئوقۇشىغا كۈچەۋاتىمىز،ياپون تىلى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن 8 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە.
2011-يىلى 10-ئاي (奈良女子大学大学院(国立
2012-يىلى 10-ئاي (首都大学東京大学院(公立
2013-يىلى 4-ئاي (金沢大学大学院(国立
2014-يىلى 4-ئاي (東京医科歯科大学大学院(国立
(横浜国立大学大学院(国立
(読売自動車大学校(専門学校
2014-يىلى 10-ئاي (和歌山大学大学院(国立
(金沢大学大学院(国立

3. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تىل ئۆگىتىش
ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تاماقلىرىنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى، ياپونىيەلىكلەرگە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىمىز.
تائام مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيتىمىز يىلدا ئىككى قىتىم ئىلىپ بىرىلدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى سىنىپىمىز 2009-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر ھەپتە ئىلىپ بىرىلۋاتىدۇ.

4. ئۇيغۇردىكى قىينچىلىق بار رايونغا ياردەم
ئۈرۈمچىدىكى پىدائىيلار تەشكىلات ئارقىلىق يىلدا ئىككى قىتىم قىينچىلىق رايونىغا كىيىم قاتارلىق ماددىي بويۇملار يەتكۈزۈپ بىرىلۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيەدىكى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق بولسا، توربېتى، ئېلخەت ۋە ياكى Facebook ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ. ئالاقىدە ئۇيغۇرچە، ياپونچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

hayat.japan@gmail.com
Facebook:http://www.facebook.com/NPO.HAYAT