2017-يىللىق ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى خۇلاسە خەۋىرى

2017-يىللىق ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى (دۈشەنبە) ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

بۇ مەرىكىگە، ياپونىيەنىڭ توكيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كانتو رايونى ۋە باشقا شەھەر-ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، شۇنداقلا ئانا يۇرتىمىزدىن تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ياپونىيەگە كەلگەن مېھمانلار بولۇپ جەمئىي 300 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.

2012-يىلى 3-ئاينىڭ21-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە نورۇز تەشكىللەش ھەيئەتلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە نورۇز تەنتەنىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مانا بۇ يىل ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى ئۆزىنىڭ 6-يىللىق شانلىق سەھىپىسىنى كۈتۈۋالدى. نورۇز تەنتەنىسىنىڭ مەزمۇنى يىلدىن-يىلغا مۇكەممەللىشىپ، ياشلىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە بولغان تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بارغانسېرى كۈچىيىشكە، قاتنىشىش ئادەم سانىمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىشكە باشلىدى.

ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى نىڭ ئاساسلىق مەقسەت مۇددىئاسى،
(1) ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى مىراس (نورۇز) لىرىغا ۋارىسلىق قىلىش؛
(2) ئانا تىلىمىز، ئانا مەدەنىيىتىمىز ۋە گۈزەل ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ساقلاش ۋە ئۇنى بېيىتىش؛
(3) ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسى، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇقنى تاماملىغان قېرىنداشلىرىمىزنى تەبرىكلەش؛ يېڭىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى تەبرىكلەش ۋە ئىلھام بېرىش؛
(4) ياپونىيەدەك رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولغان پەن-تېخنىكا دۆلىتىدە، يىل بويى ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە خىزمەتتىن باش كۆتۈرەلمەي كۆپ چارچىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھارغىنلىقنى ئۇنتۇپ ئۆز-ئارا دىدارلىشىش ۋە مۇڭدىشىش  پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش؛
(5) بايرام خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشلاردىن ئىبارەتتۇر.

ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى، ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسىنىڭ (قىسقارتىلمىسى:JUN) نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر يىلى ياپونىيە نورۇز ئاكادېمىيە يىغىنى (2017-يىللىق ياپونىيە نورۇز ئاكادېمىيە يىغىنى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ) غا ئۇلىشىپلا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە.

ئىنتايىن قاينام-تاشقىن، قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى، ياپونىيەدە ئۆگىنىش، تەتقىقات، خىزمەت ۋە پەرزەنت تەربىيىلەش بىلەن چارچىغان، ئانا يۇرتىنى چىن يۈرىكىدىن سېغىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىرايلىرىغا تەبەسسۇم، كۆڭۈللىرىگە شاتلىق ئېلىپ كەلدى.

بۇ يىللىق نورۇز تەنتەنىسىدىمۇ يىللاردىكىگە ئوخشاش كوللېكتىپ خور، مىللىيچە ۋە زامانىۋى ناخشا-ئۇسۇل، شۇنداقلا ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىشىدىكى سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەسلىتىشتىن باشقا، روھى جەھەتتىن مەدەت ۋە جاسارەت  بېغىشلىدى، پەرزەنتلىرىمىزگە بولسا مىللىي كىملىكىمىزنى تونۇش پۇرسىتى ئاتا قىلدى.

مەرىكىدە يەنە، دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ۋە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن 10 نەپەر قېرىندىشىمىزغا، ۋە يېڭىدىن باشلانغۇچ مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغان 15 نەپەر پەرزەنتىمىزگە ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدىن تەييارلانغان خاتىرە بۇيۇمى ھەدىيە قىلىندى.

ياپونىيەدە ئىگىلىك تىكلەپ تىز سۈر`ئەتتە گۈللىنىۋاتقان، شۇنداقلا ۋەتەن بىلەن بولغان خەلقئارالىق سودا ۋە باشقا ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان، بوستانلىق تارىم شىركىتى، فۇجىكى شىركىتى، كاورى شىركىتى (Kaori Japan)، يالقۇنتاغ رېستورانى، ياپونىيە يىپەك يولى شىركىتى (Japan Silkroad)، كروران خەلقئارا شىركىتى، كۆك ئەتىرگۈل شىركىتى، ساراي شىركىتى، تەكلىماكان خەلقئارا ھەسسىدارلىق شىركىتى، ئۇيۇل شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ ئۆزلىرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئالىيجاناب روھىنى نامايان قىلدى. بىز ئۇلارغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز.
(يۇقىرىقى شىركەت ئىسىملىرى ھەرىپ تەرتىپى بويىچە تىزىلدى)

بىز، بۇ يىللىق نورۇز تەنتەنىسىنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ئالاھىدە ئەجىر سىڭدۈرگەن، يىگىت بېشى شەمشىدىن شەيخىدىنگە ۋە نورۇز تەشكىللەش ھەيئەتلىكىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

2017-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى يىگىت بېشى: شەمشىدىن شەيخىدىن

2017-يىللىق ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسىنىڭ رىياسەتچىسى: ئەلقەم ئەكرەم ۋە خالمۇرات سەمەت

ئاخىرىدا ياپونىيەدىكى ئالدىراشچىلىققا تولغان ئوقۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش رىتىمى ئىچىدىن ئالتۇندەك ۋاقتىنى چىقىرىپ نورۇز تەنتەنىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغان قەدىردان مېھمانلارغا، شۇنداقلا يىللاردىن بۇيان نورۇز پائالىيەتلىرىمىزنى ئىزچىل قوللاپ، خالىس خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئوت يۈرەك پىدائىي يىگىت-قىزلىرىمىزغا ئالاھىدە ھۆرمىتىمىزنى ۋە رەھمىتىمىزنى ئېيتىمىز.

يېڭى باھارنىڭ بىزگە تېخىمۇ كوپ بەرىكەت ۋە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللا دىن تىلەيمىز!

كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى،
گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى!

ئەسكەرتىش:
ئەگەر 2017-يىللىق ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى خەۋىرىنى تارقاتماقچى بولسىڭىز، خەۋەر مەنبەسىگە ھۆرمەت قىلىپ ئوز ئەينى بويىچە تارقىتىڭ، ياكى بولمىسا خەۋەر تارقىتىشتىن بۇرۇن بىز (ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسى:JUN) بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئالىي ئېھتىرام بىلەن،

ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسى
2017-يىللىق نورۇز مەرىكىسى تەشكىللەش ھەيئەتلىكى
2017/3/20 (توكيو)

2017-يىللىق ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى كۆرۈنۈشلىرى

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

2017-يىللىق ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى خۇلاسە خەۋىرى ئۈچۈن 2 ئىنكاس بار

  1. ئكرەم سابىرە مۇنداق يازغان:

    ئسسالام ، ئەزىز قېرىنداشلا !
    東京 دا ئوتكۇزۇلگەن 2017 ـ يىللىق نورۇز تەنتەنىسىنىڭ سورەتلىرىنى كۇرۇپ تولىمو سۇيۇندۇم
    ئەپسۈس ھەر خىل سەۋەبلىك قاتنىشالـمايۋاتقان بۇلساقمۇ ، بونداق تەنتەنىلىك كۆنلەردە كۇڭلىمىز ئەزىز قېرىنداشلا بىلەن بىللە .

    ھۆرمەت بىلەن
    ئەكرەم سابىرە

    • admin مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەكرەم،
      سوز قالدۇرغىنىڭىزغا كوپ رەھمەت!
      ئاللا بۇيرۇسا كېلەر قېتىملىق نورۇزغا قاتنىشارسىز.
      ئوقۇش، خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز!

      ھۆرمەت بىلەن،
      ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز