2017-يىللىق نورۇز تەنتەنىسگە تەكلىپ

2017-يىللىق “نورۇز تەنتەنىسى” گە تەكلىپ(日本語でのご案内はこちら)

(2017-yilliq noruz merikisige teklip(yigi yiziq nusxisi

كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى،
گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى!

ئەسسالامۇ’ئەلەيكۇم ياپونىيە دىيارىدا ئورتاق نەپەس ئېلىۋاتقان يىلتىزداش قېرىنداشلار:

زىمىنغا ھايات پەيزىنى بەخىش ئەتكۈچى يېڭى باھارنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممىمىز تەقاززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان توكيودىكى
2017-يىللىق نورۇز تەنتەنىسىىنىڭ مىنۇتلىرىمۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
نورۇز بايرىمى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولۇپ، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تەنتەنە قىلىپ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا مەنىۋى مىراسلارنىڭ بىرسىدۇر.

ياپونىيەدىكى نورۇز تەنتەنىسىمۇ ئۆزىگە خاس بەدىئىيلىكى ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى موللۇقى بىلەن،
ياپونىيە تۇپرىقىدا ئوقۇش، خىزمەت ۋە ئا’ئىلە مۇلازىمىتى بىلەن چارچاۋاتقان يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ جىسمانى ۋە
روھى جەھەتتىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان ئارامگاھىغا ؛
ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە مىللى ئۆرۈپ-ئادەت، مەدىنىيىتىمىزنى ئۈگىتىدىغان دەرسخانىغا؛
پىشقەدەملەر بىلەن يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوز-ئارا ئۇچراشتۇرۇپ، ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان مەشرەپ سورۇنىغا؛
ئوقۇش پۈتتۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز ۋە يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرمەكچى بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنى تەبرىكلەپ، ئىلھام
بەخىش ئېتىدىغان سەھنىگە؛
شۇنداقلا ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانا، قېرىنداش، مىھمانلىرىمىزغا ھورمىتىمىز ۋە سەمىمىي سالىمىمىزنى يوللايدىغان
دەستىرخانىمىزغا ئايلاندى.

مانا بۇ يىلمۇ ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسىنىڭ يىتەكچىلىكى، نورۇز تەنتەنىسىى تەشكىللەش ھەيئەتلىگىدىكى ئوت يۈرەك پىدائىيلىرىمىزنىڭ پىلانلىشى، شۇنداقلا ئالتۇندەك ۋاقتىنى مۇشۇ مىللىي بايرىمىمىزنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە خالىس تەقدىم قىلغان ئەل سۆيەر يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2018-يىللىق نورۇز تەنتەنىسىنى تۆۋەندىكى كۈنتەرتىپ ۋە مەزمۇن بويىچە ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مەرىكىمىزنىڭ مېھمىنى ۋە ساھىبخىنى
بولۇپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!

پائالىيەت ۋاقتى: 2017-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى (دۇشەنبە) سائەت 17:00 ~ 12:00
* مىھمان قوبۇل قىلىش(受付) ۋاقتى: 12:00-12:30

ۋاقىتقا قەتئى رىئايە قىلىڭ!!!

پائالىيەت ئورنى: シーバンスホール浜松町

東京都港区芝浦一丁目2番2号 シーバンス ア・モール3F
http://www.seavanshall.jp/index.html

تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى:
1. تور بەت ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش
تۆۋەندىكى تور بەت ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملاش ھەيئەتلىرىگە يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
http://www.noruz-jp.com/2017-yilliq_noruz_paaliytige_tizimlitish

2. ئېلخەت (E-mail) ئارقىلىق تىزىملىتىش
ئەگەر يۇقىرىدىكى تور بەت ئارقىلىق تىزىملىتىش قۇلايسىز بولسا، ئېلخەت ئادرىسىمىزغا تۆۋەندىكى
بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېلخەت ئادرىسىمىز jun@noruz-jp.com
1) تىزىملاتقۇچى ۋە بىللە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى(Alphabet)، تىزىملاتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ،ۋە پەرزەنتلەرنىڭ يېشى.
2) سالاھىيىتى (خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى، چەتئەلدىن كەلگەن مىھمان قاتارلىق…)
3) شىركەت ياكى مەكتەپ ئىسمى
4) ئولتۇرۇشلۇق ئۆلكە ۋە شەھەر ئىسمى
5) ئېلخەت (E-mail) ئادرىسى
6) تەبرىكلەنگۈچى ئۇچۇرى:
تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىنىدۇ.
2017/3~2016/4  ئارلىقىدا دوكتورلۇق ئۈنۋانى ئالغانلار
2017/3~2016/4  ئارلىقىدا ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئالغانلار
2017/3  دا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر
2017/4  دا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدىغانلار
7) ئەگەر مەرىكىنىڭ DVD پلاستىنكىسىنى سېتىۋالاماقچى بولسىڭىز، سانى ۋە تەپسىلى پوچتا ئادرىسىڭىز
DVD  پىلاستىنكىسى رەتلەپ ئىشلىنىپ 5-ئاينىڭ بېشىغىچە پوچتا ئارقىلىق سىز ئەۋەتكەن ئادرىسقا ئەۋەتىلىدۇ
DVD  پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى: 1000يېن


 تىزىملىتىش مۇددىتى: 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى  گىچە

* مۇددەت توشقان ھامان تىزىملاش توختىتىلىدۇ.

مەرىكىگە قاتنىشىش ھەققى
 (تىزىملاتماي كەلگەنلەردىن كىشى بېشىغا 1،000 يېن قوشۇپ ئېلىنىدۇ)

پوستدوكتور، كارخانىچىلار، خىزمەتچىلەر(個人事業主、会社員、Postdoctor) 6,000円
خىزمەتچىلەرنىڭ ھەمراھلىرى(扶養配偶者) 4,000円
كەسپىي تەخنىكومدىن يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلار (大学院生、研究生、大学生、専門学校生) 4,000円
ياپون تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (日本語学校生) 3,000円
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىرى (学生扶養配偶者) 3,000円
چەتئەلدىن كەلگەن مىھمانلار (海外ご来賓) 2,000円
تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (中、高校生) 1,000円
باشلانغۇچ مەكتەپتىن توۋەن پەرزەنتلەر (小学生、幼児) 0円

 ئەسكەرتىش :
1. تىزىملىتىپ كېلىشكە چوقۇم رىئايە قىلىڭ !
– تىزىملاتماي كەلگەنلەردىن 1000يېن قوشۇپ ھەق ئېلىنىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ مەرىكىگە قاتنىشىشى رەت قىلىنىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.
– تىزىملاتقاندا بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى چۈشۈرۈپ قويماي تولۇق يوللاڭ.
– تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قاتنىشالمايدىغان بولۇپ قالسىڭىز، يۇقۇردىكى ئېلخەت ئادرىسىغا
چوقۇم ئۇچۇر يوللاڭ (چۈنكى، ئادەم سانىغا قاراپ يىمەك-ئىچمەك تەييارلىنىدۇ…)
2. تىزىملاش مۇددىتى (3-ئاينىڭ10-كۈنى) گە چوقۇم رىئايە قىلىڭ! مۇددەت توشقان ھامان تىزىملاش توختىتىلىدۇ.
3. پائالىيئەت كۈنى ۋاقىتقا چوقۇم رىئايە قىلىڭ!

 

ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نورۇز تەنتەنىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!!!

 

ئېھتىرام بىلەن:

2017- يىللىق نورۇز تەنتەنىسى تەشكىللەش ھەيئەتلىكى
يىگىت بېشى : شەمشىدىن شەيخىدىن

2017- يىل 2- ئاينىڭ 18- كۈنى (توكيو)

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.