2016-يىللىق نورۇز تەنتەنىسىگە تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار

ﻗﯘﻳﺎﺵ ﭘﺎﺭﻻﭖ ﻳﻪﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻯ، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﮔﯜﻝ – ﮔﯩﻴﺎﮬﻼﺭ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﺋﻪﺗﯩﺮ- ﺋﻪﻧﺒﻪﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

< نورۇز > بايرىمى تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تەنتەنە قىلىپ ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا مىراسلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەجداد ئىزىنى بېسىش ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ بۇرچى ھەم مەجبۇرىيىتىدۇر.
ياپونىيە زىمىنىدا جاپالىق ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلار ، تىرىشىپ ئۈگۈنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئوماق بالىلىرىمىزنى تەربىيەلەۋاتقان مېھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈزلىكسىز خالىسانە ئەجىر سىڭدۈرۈش نەتىجىسىدە <ياپونىيەدە نورۇز تەنتەنىسى> ئۈزۈلۇپ قالماي بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. نورۇز تەنتەنىسى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئارا دىدارلىشىش ۋە بىر بىرىمىزگە مەدەت بېرىش، جىسمانى ھەم روھى بېسىمىمىزنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ئوقۇۋاتقان ئوماق پەرزەنتلىرىمىزگە ئۈگىتىشتىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك يىغىلىش سورۇنىمىزغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۇ داۋاملاشقۇسى!

ئەزىز سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، ئاللاھ نىسىپ قىلسا، 10-قېتىملىق< ياپونىيەدە نورۇز تەنتەنىسى > 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۇنى (يەكشەنبە) ئۆتكۈزۈلمەكچى. ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەم تۈرۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ قاتنىشىشىنى، شۇنداقلا سورۇنىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەزىز مېھمىنى ھەم ساھىپخانى بولۇشىڭىزلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز
< ياپونىيەدە نورۇز تەنتەنىسى > يىلدىن–يىلغا تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان، ھەممىمىز سۆيۈۋاتقان، ۋە بالىلىرىمىز ياخشى كۆرۈپ قاتنىشىۋاتقان ئەھمىيەتلىك بايرىمىمىزدۇر.
نورۇز بايرىمىنى ئۇيۇشتۇرغان ھەيئەتلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى يەكۈنلەپ، يىللاردىكىدەك ئۇنتۇلماس كۆڭۈللۈك شاد-خورامللىققا تولغان 2016-يىللىق < نورۇز تەنتەنىسى> نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قارارلارنى بېكىتتۇق. ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىن كۆڭلىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

.1نورۇز تەنتەنىسى ئورنى ( مەرىكە زالى )
SYDビル・ホール
住所:〒151-0051東京都渋谷区千駄ヶ谷4-25-2

TEL 03-3405-5555
ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى: -3ئاينىڭ 20-كۇنى(يەكشەنبە)
نورۇز تەنتەنىسىنىڭ مەرىكە ۋاقتى: 13:00~ 17:00
مەرىكە تىزىملىتىش ۋاقتى : 12:00~ 12:40
مەرىكە باشلىنىش ۋاقتى : 13:00
ۋاقىتقا ئېتىبار بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

noruz_address

بۇ زالنىڭ ماشىنا توختىش مەيدانى يوق بولۇپ تۆۋەندىكى ياپونچە ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلىڭ.
当ホールには駐車場はございません。公共交通機関をご利用の上お越しください。車でお越しになる場合は首都高速高架下の時間貸し有料駐車場千駄ヶパーキング(千駄ヶ谷駐車場)をご利用ください

2.تىزىمغا ئالدۇرۇش
بۇ يەرنى بىسىپ تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا ئۇچۇر يوللىغايسىز
1) ئىسىم-فامىلە
2) مەكتەپ ئىسمى/ خىزمەت ئورنى
3) تۇرۇشلۇق ئۆلكە-شەھەر
4) ئېلخەت ئادرىسى
5) تەبرىكلەنگۈچى ئۇچۇرى:( دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ۋە باشقىلار )
6) بىللە قاتنىشىدىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سانى، ئىسىم-فامىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ يېشى
( ئەگەر ۋەتەندىن كەلگەن تۇققانلىرىڭىزنى بىرگە ئېلىپ كەلمەكچى بولسىڭىز، ئۇلارنىڭمۇ ئىسمىنى قوشۇپ يېزىڭ )

تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇددىتى: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە
3. نورۇز تەنتەنىسىگە قاتنىشىش ھەققى
1) خىزمەتچىلەر: 5،000 يىن
2) خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى (يولدىشى): 4،000 يىن
3) ئوقۇغۇچىلار: 3،000 يىن

( 大学院生، 大学生، 研究生، 日本語学校生، 専門学校生等 )

بۇ ئۇختۇرۇشنىڭ ياپونچىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلۇنىشتىكى PDF ھۆجىتتىدىن كۆرۈڭ.
ノルズのご案内を日本語で見るには以下のリンクをクリックしてください

2016年度Noruz Tentenisi(ノルズ会)の案内状

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.