2016-يىللىق نورۇز پائالىيتىدىن قىسقىچە خۇلاسە

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
‹ياپونىيە نورۇز فوندى› تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەر يىلى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ‹ياپوندا نورۇز تەنتەنىسى› پائالىيىتىمىز، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ياپونىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى ھەم خىزمەتچىلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئانا يۇرتىمىزدىن كەلگەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قاتارلىق 250دىن ئارتۇق مېھمانلار قاتنىشىپ، تەنتەنىلىك ۋە غەلبىلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.
ھەر يىلىدىكى پائالىيىتىمىزگە ئوخشاشلا، بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە، سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ۋە نورۇز مەدىھەلەنگەن پروگراممىلار، شۇنداقلا ياپونىيەدىكى ئۇنۋىرسىتلاردا ئوقۇپ باكلاۋۇر،ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ كەم بولماستىن، يىللاردىكىدىنمۇ يۇقىرى كەيپىيات ۋە قىزغىنلىق ئىچىدە، قەدەم-تەشرىپ قىلغان مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىزگە يېقىندىن ئىقتىسادىي ۋە ماددىي جەھەتتە ياردەمدە بولغان ياپونىيە ۋە ئانا يۇرتىمىزدىكى مىللىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى، ‹نورۇز تەشكىللەش ھەيئەتلىكى› دىكى يىگىت بېشى ۋە باشقا ھەيئەتلەرنىڭ ئەتراپلىق تەشكىللىشى ئارقىسىدا، مول داستىخانلىق ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان بارلىق مېھمانلار ۋە نورۇز يىگىت بېشى باشلىق بارلىق تەشكىللىگۈچى ھەيئەتلەر، سەنئەت نومۇرى تەييارلاپ پائالىيىتىمىزنى جانلاندۇرغان دوستلار، شۇنداقلا يېقىندىن ياردەمدە بولغان شىركەتلەرگە چىن قەلبىمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ‹ياپوندا نورۇز تەنتەنىسى› پائالىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
‹ياپوندا نورۇز تەنتەنىسى› پائالىيىتىمىز بولسا، تۇنجى قېتىم تەشكىللىنىپ باشلانغاندىن تا ھازىرغىچە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ياپونىيەدە خىزمەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقان ئانا يۇرتىمىزدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق،تاتار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر يىلدا بىر يىغىلىپ، ئۆز مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ياپونىيەدە چوڭ بولغان پەرزەنتلىرىمىزگە ۋارسلىق قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ جەرياندا پائالىيىتىمىز كۆڭۈل ئېچىش ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىشتىن باشقا مەزمۇنلار بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، ياپونىيەگە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ياپونىيەدىكى ھەر تۈرلۈك شىركەتلەردە خىزمەت قىلىپ، مىللىتىمىزگە ھەسسە قوشۇپ كەلگەن دوستلىرىمىزنىڭ ئازادە خاتىرجەم ھالدا قاتنىشىشى ئۈچۈن ياخشى مەيدان ھازىرلاپ كەلدى. ‹ياپونىيە نورۇز فوندى› بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا، بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىمىزمۇ مۇشۇ ئەنئەنىگە رىئايە قىلغان ھالدا تېخىمۇ كۆڭۈللۈك داۋاملىشىشىغا تىرىشىمىز.
ئەگەردۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىۋى توربەت ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى، شۇنداقلا مەتبۇئاتلاردا ‹ياپوندا نورۇز تەنتەنىسى›گە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بەرمەكچى بولسا خەۋەر مەزمۇنىنىڭ تۇلۇق ھەم توغرا بۇلىشى ئۇچۇن ياپونىيە نورۇز فوندى تەمىللىگەن مەزمۇننى ئاساس قىلىىشىنى تەۋسىيە قىلمىز.

  ياپونىيە نورۇز فوندى
2016.4.11

بۇ يازما ئۇنىۋېرسال سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز