2015-يىللىق ئاكادېمىيە يىغىنى ئۇختۇرۇشى

2 ‐نۆۋەتلىك «ياپۇنىيەدە نورۇز تەنتەنىسى» دوكتور، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىلىم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىنى توغرىسىدا ئۇختۇرۇش

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار

  2015-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۇنى ئۇتكۇزۇلۇش پىلانلانغان 9-نۇۋەتلىك «ياپونىيەدە نورۇز تەنتەنىسى» تەكلىپنامىسنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولساڭلار كىرەك. تەكلىپنامىدا دىيىلگىنىدەك، نورۇز، ئۇ يېشىللىق تەنتەنىسى، ئەمگەك تەنتەنىسى، مول-ھوسۇل تەنتەنىسى، دىدار تەنتەنىسى، شۇنداقلا يىللاردىن بىرى ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللى كىملىك ئىپتىخارلىق تەنتەنىسى، ئۇگىنىش، تەتقىقات ۋە ئەمگەك مىۋىلىرىنى تەبرىكلىشىدىغان، ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىمىزغا جۆر بولۇپ، ئۇسۇل سامالارغا چۈشۈپ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى بىسملىرىمىزنى ئۇنتۇلدۇردىغان، خوشاللىققا تولغان يىلدا بىر قېتىم تەقەززالىق بىلەن كۇتىدىغان بايرام بولۇپ تەبرىكلىنىپ كېلېنمەكتە.
قېرىنداشلارغا ئايان بولغىنىدەك نورۇز تەنتەنىمىزدە، ياپونىيەدىكى ئۇنۋىرستلاردا ئۇنۋىرست تولۇق كۇرۇسنى تاماملىغان، ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق دېستېرتاتسىيەنى تاماملىغان ياكى تاماملاش ئالدىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلىم شان شوھرىتىنى ئورتاق تەبرىكلەپ كەلدۇق.2014- 3- 21-كۇنى تۇنجى نۇۋەتلىك «ياپۇنىيەدە نورۇز تەنتەنىسى» دوكتور، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىلىم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ  بېرىپ 10 قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق بەرگەن ئوقۇش پۇتتۇرۇش تەتقىقات دوكلاتىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولۇپ ئۇلارنىڭ قازانغان ئالەمچە ئىلىم پەن شان شوھرىتىدىن ھوزۇرلاندۇق ۋە ئاپىرىن ئوقۇدۇق.
ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ياپونىيە دۆلىتى، كويۇمچان ياپون خەلقى، بىز ئۇيغۇر باشلىق ئەل سويەر، بىلىم خۇمار ئىنسانلارغا قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى سۇندى، بىلىمى ۋە مىھرى شەپقىتىنى ئايىمىدى. نەتىجىسىدە، تەبى پەن، ئىجتىمائى پەن ساھەدىن 200 دىن ئارتۇق ماگىستېر ، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتىلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ كوپچىلىكى ۋەتەنگە قايتىپ ئاۋام خەلقىغە خىزمەت قىلىسا، بىر قىسملار ياپون–خەلقنىڭ شاپائىتىنى قايتۇرۇش، ۋەتەن بىلەن ياپون كۇرۇكلۇك رول ۋە ياكى بىر قىسىملار دۇنياغا يۇزلۇنۇپ ئىنسانلار ئۇچۇن بەلگىلىك توھپە، مۇجىزلەرنى يارىتىپ، مىللى ئىپتىخارلىقىنى يوقاتماي ئاۋامنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتلىرىگە ئايلاندى. ئىلىم پەن بۇلىغىنى بېيېتىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى بولماقتا. يىللاردىن بىرى ياپونغا ئەنە شۇ ئىلىم تەشنالىقى مەقسىدىدە ئوقۇشقا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەي داۋام ئەتمەكتە. ئالدىنقىلارنىڭ ئۇلگە بولۇپ كېيىنكىلەرنى يىتەكلىشى بۇ بىلىم بۇلىقىنىڭ چەكسىز ھاياتى كۇچىنى نۇرلاندۇرغىسى.
ئۇشبۇ تېلەكلەر ۋە ئازرۇلارنى كۇڭۇلگە پۇكۇپ، بۇ نۇۋەتلىك «ياپۇنىيەدە نورۇز تەنتەنىسى» دوكتور، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىلىم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى (يەكشەمبە) ئۇتكۇزۇشنى پىلان قىلدۇق .2015-يىللىق نورۇز تەنتەنىسىگە يەنىمۇ ھۆسۇن قوشۇش مەقسىدىدە، بۇ يىل ماگىستېر، دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تامام قىلغان، ياكى تاماملاش تەييارلىقى پۇتكەن، تەتقىقات مىۋىلىرىنى ئاۋامغا بىلدۇرۇشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇشبۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن ئشتىراك قىلىش بىلەن بىرگە دوكلات سۇنىشىڭلارنى تەقەززالىق بىلەن كۇتىمىز.
ئىلم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە تۇۋەندىكىدەك دوكلات ياكى تېما يوللىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۇتىمىز.
1.دوكتۇر، ماگىستېر دېستېرتارسىيە دوكلاتى ياكى ئىلمىي ماقالىسى.
2.تەتقىقات دوكلاتى ياكى ئىلمى ماقالىسى.
3. ئاممىباپ بىلىم ساۋات ، تەتقىقات يېڭى ئۇچۇر، مۇنازىرە ۋە ۋەكازالار.
تەلەپلەر:
1. سۇنماچى بولغان تېما، دوكلات قىسقا مەزمۇنى ئامال بار ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يېزىقىدا ھازىرلىنىشى ۋە دوكلات تىلىمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بولىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز.
2.سۇنۇلماقچى بولغان دوكلات كەسپى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادە قىلىنىشتا قېيىنچىلىق ياكى تېخى مۇكەممەل بولۇشقا ئىمكان بولمىسا، دوكلات بەرگۇچىنىڭ خائىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز. دوكلات مەزمۇنى ئەسلى يېزىقى بويۇنچە بولسا بولىدۇ.
3. ھەر بىر تېما ئۈچۈن 10 مىنۇت دوكلات بېرىش ۋە 5 مىنۇت مۇنازىرە ۋاقىتى بېرىلىدۇ.
4. سۇنماقچى بولغان دوكلاتىڭىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە قىسقا تەرجىمىھالىڭىزنى قوشۇپ ئەڭ كېچىككەندىمۇ
3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇرۇن بىزگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاقتى: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى (سائەت 13:00 دىن-18:00 گىچە)

ئورنى:
With Youさいたま)視聴覚セミナー室)
With You さいたま)With You さいたまは, ホテルブリランテ武蔵野の3F、4F部分になります)
埼玉県男女共同参画推進センター
〒330-0081埼玉県さいたま市中央区新都心2-2
JR京浜東北線、高崎線・宇都宮線「さいたま新都心駅」から徒歩5分
http://www.withyou-saitama.jp/view.rbz?nd=174&ik=1&pnp=115&pnp=174&cd=412

yighin zali

yighin zali

yighin zali

ھۆرمەت بىلەن: «ياپوندا نورۇز تەنتەنىسى»دوكتور، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىلىم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەش گورۇپپىسى
ئالاقەلەشكۇچى:مەھمۇد ياسىن ،غەيرەت غېنى، تاش مۇھەممەت يۇسۇپ
ئالاقىلشىش ئادىرىسى: taxmamat@gmail.com,hairatjp@gmail.com,mahmutjp@gmail.com
2015.1.18

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز