«2020-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى» ئەمەلدىن قالدۇرلدى

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياپۇنىيە تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلار !

ھەممىڭلارغا خەيرلىك سالاملار بولسۇن!!

مىللەت سۆيەر ئاكا -ھەدىلىرىمىزنىڭ قان -تەرى ۋە ئەجرى بىلەن،بىز تۈركى مىللەتلەرگە ئاتا مىراس مۇقەددەس بولغان «نورۇز بايرىمى»يىللاردىن بېرى ،ياپۇنىيە زىمىنىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ،مەنىۋى ئوزۇق ھەم ئىتتپاق-ئۆملۈك ئاتا قىلىپ كەلدى. بىز بۇ نەچچە يىللىق نورۇز ئارقىلىق مۇھەببەتنى ،قەدىرلەشنى ،ھۆرمەتنى ،بىرلكىنى ئۈگەندۇق.بىز بۇ مىللىي مەدىنىيىتىمىز بىلەن پەخىر ھېس قىلىمىز.

بۇ يىلمۇ ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇنتۇلماس نورۇز خاتىرسىنى ياپۇنىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىششىنى ئارزۇ قىلىپ، مۇھىم تەييارلىقلارنى باشلىۋەتكەن ئىدۇق. ئەپسۇس ھەممىڭلارغا ئايان بولغان «كوروناۋىروسى»نىڭ ياپۇنىيەدە تېزلىك بىلەن يامىرىشى،بىزنىڭ بۇ گۈزەل قەدەملىرىمىزنى توختاشقا مەجبۇر قىلدى.

ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇماق پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ سالامەتلكىنى كۆزدە تۇتۇپ ،نورۇز ھەيئەتلىكنىڭ جىددىي قارار چىقىرىشى بىلەن، بۇيىللىق «نورۇز تەنتەنىسى» ئەمەلدىن قالدۇرلدى.

ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ توغرا پوزىتسىيەدە بولىشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمەن، ھەمدە بۇ پائالىيەتنىڭ نومۇرلىرى ئۈچۈن نەچچە ۋاقىتتى ياقى كۆپ تەييارلىقلانى قىلغان قېرىنداشلىرىمدىن ۋە ئالدىنئالا تىزىملاتقان قېرىنداشلىرىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ئاللا خالىسا كىلەر يىلى ئوخشاش كۈندە بۇ يىلقىنىمۇ قوشۇپ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك بىر نورۇز ئۆتكۈزۈشكە ئاللا نىسىپ قىلغاي.

ھۆرمەت بىلەن:

ياپۇنىيە ئۇيغۇر نورۇز ئۇيۇشمىسى

نورۇز يىگىت بېشى خەمىت ئابلىتىپ

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى

بۇ يازما نورۇز سەھىپىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈشلىۋېلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز