2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى گە تەكلىپ
كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى،
گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياپونىيە دىيارىدا ئورتاق نەپەس ئېلىۋاتقان يىلتىزداش قېرىنداشلار:
زىمىنغا ھايات پەيزىنى بەخىش ئەتكۈچى يېڭى باھارنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممىمىز تەقاززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان توكيودىكى2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسىىنىڭ مىنۇتلىرىمۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا .نورۇز بايرىمى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولۇپ، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تەنتەنە قىلىپ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا مەنىۋى مىراسلارنىڭ بىرسىدۇر.
بۇ تارىخى مىللىي بايرىمىمىزنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۇزۇپ، مىللىي ئىتنىكىمىز، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپە-ئادەتلىرىمىزنى كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا يەتكۈزۈش بولسا ياپونىيە دە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر نىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىدۇر.
مانا بۇيىلمۇ ”ياپونىيە نورۇز ئۇيۇشمىسى“ يىتەكچىلىكى ۋە نورۇز تەنتەنىسى تەشكىللەش ھەيئىتىدىكى ئوت يۇرەك پىدائي لىرىنىڭ پىلانلىشى، شۇنداقلا ئالتۇندەك ۋاقتىنى مۇشۇ مىللىي بايرىمىمىزنىڭ غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەغدىم قىلغان ئەل سۆيەر قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا ”2019-يىللىق ياپون نورۇز تەنتەنىسى“ نى تۆۋەندىكى كۈن-تەرتىپ ۋە مەزمۇنلار بويىچە ئۆتكۈزمەكچى.
ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مەرىكىمىزنىڭ مېھمىنى ۋە ساھىبخىنى
بولۇپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
پائالىيەت ۋاقتى:
2019-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (پەيشەنبە) سائەت 17:30 ~ 12:00
※ تەييارلىق ۋاقتى : 12:45 ~ 12:00 (JUN ھەيئەتلىرى ۋە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغۇچىلار)
※ مىھمان قوبۇل قىلىش ۋاقتى : 13:00 ~ 12:30 ۋاقىتقا قەتئى رىئايە قىلىڭ!
پۇروگىراممىلار ۋە تەرتىپ : (17:00 ~ 13:00)
• ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى نىڭ ئەھمىيىتى ۋە پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش
• ياپونىيە نورۇز تەنتەنىسى يىگىت بىشىنىڭ سۆزى
• ئۇمۇمى خور
• بالىلار نۇمۇرلىرى
• ئىتوت، مىللىيچە ناخشا-مۇزىكا، مىللىيچە ئۇسۇل ۋە شېئىر دىكىلاتماسىيە قاتارلىقلار
• باكلاۋۇر، ماگىستىر، دوكتور بولغانلارنى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەنلەرنى تەبرىكلەش
• ”6-نۆۋەتلىك نورۇز ئاكادىمىيە يىغىنى“ توغرىسىدا دوكىلات ۋە كىيىنكى پائالىيەتلەر ھەققىدە
• ياپونىيە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىنگىلىسچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ھەققىدە
• مېھمانلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزى
• پائالىيەت ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزى ۋە خۇلاسە (17:00 ~ 16:50)
• يىغىشتۇرۇش (17:30 ~ 17:00)
پائالىيەت ئورنى :
シーバンスホール浜松町
東京都港区芝浦一丁目2番2号 シーバンス ア・モール3F
http://www.seavanshall.jp/index.html
※ قاتناش ئۇچۇرىنى، يۇقۇرقى زالنىڭ توربېتىدىن ياكى تەكلىپنامىنىڭ ياپونچە نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.
تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى :
1.تور بەت ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش
تۆۋەندىكى تور بەت ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملاش ھەيئەتلىرىگە يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
http://www.noruz-jp.com/noruz_tizimlax_2019
2.ئېلخەت (E-mail) ئارقىلىق تىزىملىتىش
ئەگەر يۇقىرىدىكى تور بەت ئارقىلىق تىزىملىتىش قۇلايسىز بولسا، ئېلخەت ئادرىسىمىزغا تۆۋەندىكى
بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېلخەت ئادرىسىمىز jun@noruz-jp.com
1) تىزىملاتقۇچى ۋە بىللە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى(Alphabet)، تىزىملاتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ۋە پەرزەنتلەرنىڭ يېشى.
2) سالاھىيىتى (خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى، چەتئەلدىن كەلگەن مىھمان قاتارلىق(…
3) شىركەت ياكى مەكتەپ ئىسمى
4) ئولتۇرۇشلۇق ئۆلكە ۋە شەھەر ئىسمى
5) ئېلخەت (E-mail) ئادرىسى
6) تەبرىكلەنگۈچى ئۇچۇرى:
تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىنىدۇ
2019/3~2018/4 ئارلىقىدا دوكتور، ماگىستىر، باكلاۋۇر(ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر) ئۈنۋانى ئالغانلار
2019/4 دا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدىغان ئۆسمۇرلەر
7) ئەگەر مەرىكىنىڭ DVD پلاستىنكىسىنى سېتىۋالاماقچى بولسىڭىز، سانى ۋە تەپسىلى پوچتا ئادرىسىڭىز
DVD پىلاستىنكىسى رەتلەپ ئىشلىنىپ 5-ئاينىڭ بېشىغىچە پوچتا ئارقىلىق سىز ئەۋەتكەن ئادرىسقا ئەۋەتىلىدۇ
DVD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى: 1500يېن
تىزىملىتىش مۇددىتى:
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى (يەكشەنبە) گىچە
※مۇددەت توشقان ھامان تىزىملاش توختىتىلىدۇ
مەرىكىگە قاتنىشىش ھەققى :
پوستدوكتور، كارخانىچىلار، خىزمەتچىلەر(個人事業主、会社員、Postdoctor) | 6,000円 |
---|---|
خىزمەتچىلەرنىڭ ھەمراھلىرى(扶養配偶者) | 4,000円 |
كەسپىي تەخنىكومدىن يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلار (大学院生、研究生、大学生、専門学校生) | 4,000円 |
ياپون تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (日本語学校生) | 3,000円 |
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىرى (学生扶養配偶者) | 3,000円 |
چەتئەلدىن كەلگەن مىھمانلار (海外ご来賓) | 2,000円 |
تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (中、高校生) | 1,000円 |
باشلانغۇچ مەكتەپتىن توۋەن پەرزەنتلەر (小学生、幼児) | 0円 |
※ تاماق تارتىلىدۇ
ئەسكەرتىش :
1. تىزىملىتىپ كېلىشكە چوقۇم رىئايە قىلىڭ !
• تىزىملاتماي كەلگەنلەردىن يۇقارقى قاتنىشىىش ھەققى دىن سىرت 1000يىن قوشۇپ ھەق ئېلىنىدۇ.ئەھۋالغا قاراپ مەرىكىگە قاتنىشىشى رەت قىلىنىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.
• تىزىملاتقاندا بەلگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى چۈشۈرۈپ قويماي تولۇق يوللاڭ.
• تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قاتنىشالمايدىغان بولۇپ قالسىڭىز، يۇقۇردىكى ئېلخەت ئادرىسىغا چوقۇم ئۇچۇر يوللاڭ (چۈنكى، ئادەم سانىغا قاراپ يىمەك-ئىچمەك تەييارلىنىدۇ…)
2. تىزىملاش مۇددىتى (3-ئاينىڭ15-كۈنى) گە چوقۇم رىئايە قىلىڭ! مۇددەت توشقان ھامان تىزىملاش توختىتىلىدۇ.
3. پائالىيئەت كۈنى ۋاقىتقا چوقۇم رىئايە قىلىڭ!
ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ “ 2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى“ گە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!!!
ئېھتىرام بىلەن :
ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز بىرلىكى
2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى تەشكىللەش گۇرۇپپىسى
2019-يىللىق نورۇز تەنتەنىسى يىگىت بىشى : تۇرسۇن ھەسەن
2019-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (توكيو)